Uyghur←Chinese主要词典
كرېست پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
箭十字党
jiàn shí zì dǎng
ۋېنگرىيىدە 1936 - يىلى قۇرۇلغان فاشستىك پارتىيە. پارتىيىنىڭ كاتتىبېشى سالاسى فېرېنس (1897 - 1946) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گېرمانىيىنىڭ فاشسىتىك تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، ۋېنگرىيە مىللىتى ئەۋزەللىك نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك فاشىستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان. 1944 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋېگرىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، فاشىستىك تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. فاشىست گېرمانىيىسى گۇمران بولاي دەپ قالغاندا مەزكۇر پارتىيە ۋېنگرىيە خەلقىنى ئۇرۇشقا ئاتلىنىشقا مەجبورلاپ، ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ قوراللىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا ۋېنگرىيە ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.