Uyghur←Chinese主要词典
كرىستال كىرىشكەن مودېل
بىئولوگىيە
晶格镶嵌模型
jīnggéxiāngqiànmóxíng
بىئو پەردىنىڭ بۇ خىل مودېلىنى ۋاللاخ (1957 - يىلى) ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆز قارشى شۇكى، بىئو پەردىدىكى ياغلىق ماددىلار بىر خىل ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ھالەتتە تۇرماستىن، بەلكى رەتسىز ئېقىشچان (فازا) ۋە رەتلىك (كرىستال ھالەت) فازا ئارىلىقىدا قايتما ھالەتتە ئۈزلۈكسىز فازا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. پەردە ئىچىگە كىرىشكەن ئاقسىل مولېكۇلىلىرى <تېگىش يۈزىدىكى ياغلىق ماددىلار> غا ئۇرۇلۇپ، ياغلىق ماددا - ئاقسىللاردىن ئىبارەت كرىستال پەنجىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. پەردىنىڭ ئېقىشچان قىسىمىدىكى ياغلىق ماددىلار ياپراقسىمان ھالەتتە تارقىلىدۇ. بۇ مودېل ئادەمنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى قاتارلىق بىر قانچە خىل ھۈجەيرە پەردىسىدە ئىسپاتلانغان.