Uyghur←Chinese主要词典
كىرپىك تۈكلۈكلەر سىنىپى
بىئولوگىيە
纤毛纲
xiānmáogāng
پروتوزا (ئاددىي ھايۋانلار) تىپىدىكى بىر سىنىپ. پۈتۈن تېنى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق تۇتۇش ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولغان كىرپىك تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، شەكلى ۋە خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل ھۈجەيرە يادروسى - <چوڭ يادرو> ۋە <كىچىك يادرو> سى بولىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىشى توغرىسىغا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، كىچىك يادروسى يىپلىق، چوڭ يادروسى يىپسىز بۆلۈنىدۇ. جىنسلىق كۆپىيىشى ئالاھىدە بىرلىشىپ كۆپىيىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرلىشىپ كۆپەيگەندە ئىككى ئىندىۋىد ۋاقتىنچە يېقىنلىشىپ، ئېغىز ئېرىقچىلىرىنىڭ يۈزىدىكى سىرتقى پەردىلەر تەدرىجىي ئېرىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، چوڭ يادرو يوقىلىدۇ. بىر قىسىم كىچىك يادرولارنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن بىر - بىرىدىن ئايرىلىدۇ، ئېرىپ بىرلەشكەن يادرو بىر نەچچە قېتىم بۆلۈنۈپ يېڭى چوڭ يادرو ۋە كىچىك يادرولارنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە بۆلۈنۈپ يېڭى ئىندىۋىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تاتلىق سۇ ۋە دېڭىز سۇلىرىنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. ئەركىن ھايات كەچۈرىدىغان تۈرلىرى كۆپىنچە يەككە ئىندىۋىدلار بولۇپ، سۇدا ئۈزۈپ ھايات كەچۈرىدۇ. (مەسىلەن، تۇفىلكا). نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بېلىقلارنىڭ يېمى ھېسابلىنىدۇ، ۋاقىتلىق ياكى دائىملىق مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرىدىغانلىرىمۇ بار ]مەسىلەن، كاناي شەكىللىك قۇرت (سېتېنتور) ۋە قوڭغۇراق قۇرت (ۋورتىتسىللا)[، مۇقىملىشىپ ياشايدىغانلىرى كولونىيە شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئاز ساندىكىلىرى پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ]مەسىلەن، بېلىق تېنىدە پارازىتلىنىدىغان چاقسىمان قۇرت (ترىخودىنا)[. يەنە بىر قىسمى باشقا ھايۋانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ (مەسىلەن، ئاق چۈمۈلە ئۈچىيى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ كۆشەش ئاشقازىنىدىكى بەزى كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلار)