Uyghur←Chinese主要词典
كىروۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
基洛夫
jī luò fū
دۇنيا تارىخى
基洛夫
jī luò fū
(1886 - 1934) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ۋياتكا ئۆلكىسى (ھازىرقى كىروۋ ئوبلاستى)دىكى ئۇرژوم شەھىرىدىكى نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1904 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە تومسك پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905 - 1906 - يىللىرى بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1908 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئىركۇتىسكى ۋە ۋلادىكاۋكاز (ھازىرقى ئوردژونىكىدزې)دا پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، پېتروگرادتىكى قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاستراخان چېگرا رايونى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاق گۋاردىيىچىلەر توپىلىڭىنى تارمار قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى (1921 - 1925) بولۇپ، نېفىت سانائىتىنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. 1923 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926 - يىلى س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيۇرۇسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1930 - يىلدىن تارتىپ س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1934 - يىلى س ك پ (ب) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى لېنىنگرادتىكى سىمولنى سارىيىدە ئەكسىلئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.