Uyghur主要词典
كروتون
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ شەھىرى. بروتىئۇمنىڭ شەرقىي قىرغىقى بىلەن ئېسارۇ دەرياسىنڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئىئونىيە دېڭىزىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 710 ياكى 708 يىل ئىلگىرى، سپارتانىڭ ياردىمى بىلەن بىر تۈركۈم ئاخىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول ھەمدە دېڭىز سودىسىغا ئەپلىك جاي بولغاچقا تېز راۋاجلىنىپ <بۈيۈك گرېتسىيە> رايونىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ قالغان. شەھەر ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پىتاگوراس مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆزىگە ھەدەپ مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى كېڭەيتكەن ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپم بىر خىل ئۆزگىچە ئاقسۆڭەكلەر سىياسىتىنى يولغا قويغان. كروتونلىقلار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ھەۋەسكار بولۇپ، سپورتچى مىلوننىڭ پۈتكۈل گرېتسىيىدە داڭقى چىققان. مىلادىدىن تەخمىنەن 105 يىل ئىلگىرى شىمالدىكى قوشنىسى سېبارىس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. بىر مەھەل جەنۇبىي ئىتالىيىدە دەۋران سۈرگەن. كېيىن لۇكانىيلار، برۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ھەمدە ھىسيراكۇس، ئېپىرۇس ئۇرۇشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رىم زېمنىگە قوشۇۋېلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدا بۇ شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولوۇپ، ئاھالىلىرى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبور لبلغان. كېيىن رىملىقلارنىڭ مۇستەملىكە رايونىغا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردىن تاكى 1928 - يىلغىچە بۇ جاي كوترون دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.