Uyghur←Chinese主要词典
كرومېر
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
克罗默
kè luó mò
دۇنيا تارىخى
克罗美尔
kè luó měi ěr
(1841 - 1917) ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچى ئەمەلدارى. مىسىردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (1883 - 1907). ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن كورخۇ، مالتا ۋە يامايكا ئاراللىرىدا باسقاق بولغان ھەمدە ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1878 - يىلى مىسىر قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كومىسسىيىسىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ھەيئىتى بولغان. 1880 - 1883 - يىللىرى ھىندىستان باش ۋالىيسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1883 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئالىي ۋەكىلى قوشۇمچە باش كونسۇلى بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەربىي مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، مىسىر خەلقىنى دەھشەتلىك ھالدا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ، <شەرق زالىمى> دەپ ئاتالغان. 1906 - يىلى دېنشاۋىي ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قوزغالغان ئەنگلىيەگە قارشى ھەرىكەت ئۆرلەپ، 1907 - يىلى 4 - ئايدا تەختتىن چۈشۈپ، ئەنگلىيەگە قايتىپ كەتكەن. ئۇنىڭ <يېقىنقى زاماندىكى مىسىر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.