Uyghur主要词典
كېرېنىسكى كراسنوۋ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش غەرىزىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق توپىلىڭى. 1917 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى كېرېنىسكى شىمالىي تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ قومدانلىق شتابى (پىسكوۋ)غا قېچىپ بېرىپ، بۇ جاينى ساقلاۋاتقان ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۈچىنچى جۈنتۈەنىنىڭ كوماندارى كراسنوۋ بىلەن بىرلىكتە 2000 دىن كۆپرەك ئادەم توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. پېتروگرادقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كاچىنا ۋە پادىشاھ يېزىسىنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەردىكى يونكىرلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوتراتقان. سوۋېت ھۆكۈمىتى لېنىن باشچىلىقىدا توپىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قىزىل گۋاردىيە ئەترىتى بىلەن ماتروسلارنى سەپەرۋەر قىلغان. 12 - كۈنى پادىشاھ يېزىسىنى ئالغان، 14 - كۈنى كاچىنانى قايتۇرۋالغان. كېرېنىسكى ئوغرىلىقچە قاچقان، كراسنوۋ قاتارلىقلار ئەسىرگە چۈشكەن، توپىلاڭ تېزلىكتە تىنچىتىلغان.