Uyghur主要词典
كېرەكلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېرەك بولىدىغان، تەلەپ قىلىنىدىغان، كېرەككە كېلىدىغان.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق. بىز لازىملىق بىلىمنى بۇلۇت سۇنى سۈمۈرگەندەك قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كېرەك بولىدىغان؛ ئىشقا يارايدىغان.
كېرەكسىز
كېرەك بولمايدىغان؛ ئىشقا يارىمايدىغان.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق. لازىملىقىنى ئال، قالغىنىنى تاشلا. كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت. قاشقا چىققاندىن كېيىن قېيىق كېرەكسىز بوپتۇ، ساقايغاندىن كېيىن تېۋىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كېرىكى بار، ئېھتىياجلىق، لازىملىق، پايدىلىق، زۆرۈر.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق (ماقال).
جالالىدىن مۇئەللىم ھەر كۈنى <تەجرىبە ئۆيى> نى يوقلايتتى، كېرەكلىك مەسلىھەتلەر بېرەتتى. رىغبەتلەندۈرەتتى.
كېرەككە كېلىدىغان، ياراملىق.
ئۇ دائىم: <بالا ئانىسىدىن كىچىك قالدى، قانداقلا بولسۇن ئوقۇتۇپ، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان كېرەكلىك ئادەم قىلىمەن> دەيتتى.