Uyghur←Chinese主要词典
كىرچېئو تېغى خارابىسى
دۇنيا تارىخى
齐尔契奥山遗址
qí ěr qì ào shān yí zhǐ
ئىتالىيە ئۆڭكۈر خارابىسى توپى. رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كېرچېئو تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ، جەمئىي 32 ئۆڭكۈر بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ. 1936 - 1953 - يىللىرى تەكشۈرۈلگەن. گوئاتتارى، بىرىئىل، فوسسېللونې، ئېلېنا، كاپۇل قاتارلىق يەتتە ئۆڭكۈردە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگىچە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى ساقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى فوسسېللونې خارابىسىدە تۆت مەدەنىيەت قاتلىمى بولۇپ، ئىتالىيىدە تەكشۈرۈلۈشى ئەڭ ئېنىق بولغان خارابە ھېسابلىنىدۇ. گۇئاتتارى ئۆڭكۈرىدىن نېئاندېرىتال ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكى تېپىلغان.