Uyghur主要词典
كوزنېتسوۋ
دۇنيا تارىخى
(1902 - 1974) سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېىلىپ چىققان. سوۋېت روسىيىسدىكى گراژدانلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1925 - يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1932 - يىلى دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1936 - 1937 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پىدائىيلار قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىسپانىيە خەلقنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1937 - 1939 - يىللىرى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيە خەلق كومىسسارى ۋە دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1948 - يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىراق شەرق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1951 - 1953 - يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى بولغان. 1953 - 1956 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قومدانى بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (1939 - 1955) بولغان.