Uyghur←Chinese主要词典
كوزېلىسكىي
دۇنيا تارىخى
科泽尔斯基
kē zé ěr sī jī
(تەخمىنەن 1728 - 1791) روسىيلىك مەرىپەتچى. ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ئۇكرائىنادا كازاك ھەربىي ئائىلىسدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ھەربىي قۇرۇلۇش ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن مەخپىي مەركىزىي ئاكادېمىيىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1768 - يىلى <پەلسەپەدىكى نېگىزلىك مەسلىلىەر> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئالىزمىنى، مەدرىسە پەلسەپىسى ۋە دىنىي ئەدەپ - ئەخلاقنى تەنقىد قىلغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، نامراتلىق ۋە ئېزىش بولمىغان <ئادالەتلىك> جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى خام خىيال قىلغان. ئۇ يەنە <ئىككى ھىندى - قالان بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىلىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى> ناملىق پەلسەپىۋى ئەسەرنى ۋە تەبىئىي پەنگە دائىر ئەسەردىن <ماتېماتىكىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر> ۋە مېخانىكىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر< قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.