Uyghur←Chinese主要词典
كوئىسوكونئاكى
دۇنيا تارىخى
小矶国昭
xiǎo jī guó zhāo
(1880 - 1950) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1944 - 1945)، قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ گېنېرال ئارمىيىسى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1910 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1931 - يىلى 8 - ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1932 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1932 - يىلى 8 - ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ سەنمۇجاڭى، قوشۇمچە ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1935 - يىلى 12 - ئايدىن 1938 - يىلى 7 - ئايغىچە چاۋشيەن ئارمىيسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1938 - يىلى زاپاس ھەربىي قاتارىغا ئايرىلغان. 1939 - 1940 - يىللاردا خىرانوما، كومېچى ئىچكى كابېنتلىرىنىڭ ئېچىش ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1942 - يىلى 5 - ئايدىن 1944 - يىلى 7 - ئايغىچە چاۋشيەننىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1944 - يىلى 7 - ئاي توزوئىكىدىن كېيىن ئىچكى كابېنت تەشكى قىلغان. ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدا ئىستىپا بەرگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن <A> دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. جازا ئۆتەش داۋامىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. <كاشىئوخۇڭزو> ناملىق تەرجىمىھالى يېزىلغان.