Chinese→Uyghur主要词典
口器
باغۋەنچىلىك
kǒu qì
ئېغىز (ھاشاراتلارنىڭ)Dئۇنىۋېرسال
kǒu qì
ئېغىز ئاپپاراتى )ھاشارات ياكى پارازىت قۇرتلارنىڭ(
Dدېھقانچىلىق
kǒu qì
ئېغىز ئاپپاراتىDئورمانچىلىق
kǒu qì
ئېغىز ئەزاسى، ئېغىز
بىئولوگىيە
ئېغىز ئاپپاراتى
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ئاغزىنىڭ ئىككى يېنىدا ئۆسكەن پۇتلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئوزۇقلۇقلارنى تۇتۇش، كېسىپ پارچىلاش، چايناش ۋە سېزىش قاتارلىق روللارغا ئىگە ئورگان. قاسىراقلىقلار سىنپىدىكىلەرنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي ۋە ئىككى جۈپ تاڭلاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بەزىدە ئۈچ جۈپ تاڭلاي پۇتىمۇ ئېغىز ئاپپاراتى قىلىنىدۇ)؛ كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى بىر ئۈستۈنكى كالپۇك (پۇت قاتارىغا كىرمەيدۇ)، بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي، بىر ياكى ئىككى جۈپ (ئىككىنچى جۈپى ئادەتتە بىرلىشىپ كەتكەن) كىچىك تاڭلاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھاشاراتلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى بىر ئۈستۈنكى كالپۇك، بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي، بىر جۈپ كىچىك تاڭلاي، بىر تىل ۋ بىر تۆۋەنكى كالپۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاشاراتلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، ئېغىز ئاپپاراتىنىڭ شەكلىدىكى ئۆزگىرىشىمۇ ناھايىتى زور؛ قاتتىق جىسىم ھالىتىدىكى ئوزۇقلۇقنى يەيدىغانلىرىنىڭ چايناش شەكلىدە (مەسىلەن، چېكەتكە)؛ سۇيۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلىنىدىغانلىرىنىڭ شوراش شەكلىدە بولۇپ، بۇنداق ئېغىز ئاپپاراتلىرى ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىغا قاراپ يەنە، ئېغىز ئاپپاراتىنى ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان توقۇلمىلىرىغا سانجىپ ئوزۇقلىنىدىغان سانجىپ شوراش شەكلى (مەسىلەن، پاشا، بۈرگە، پىت، تومۇزغا) ھەم جىسىمنىڭ سىرتىدىكى ئاشكارا تۇرغان سۇيۇق ماددىلارنى شوراپ ئوزۇقلىنىدىغان يالماپ شوراش شەكلى (پەرۋانە، كېپىنەك)، يالاپ شوراش شەكلى (مەسىلەن، چىۋىن) دەپ بۆلۈنىدۇ؛ قاتتىق ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى ئىككى خىل ئوزۇقلۇقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يەۋېرىدىغانلىرىنىڭ چايناپ شوراش (مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى) شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چايناش شەكلىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي بولۇپ، قالغان تىپتىكىلىرى چايناش شەكلىدىكىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان، ھاشاراتلارنىڭ ئېغىز ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىلىۋېلىشنىڭ زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلەنگەندە قۇرت ئۆلتۈرگۈچى رېئاكتىۋلارنى مۇۋاپىق تاللاشقا ياردىمى چوڭ. مەسىلەن، چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى بولغان زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلىنىشتە ھەر خىل ئاشقازان زەھەرلىگۈچى رېئاكتىۋلارنى (پوئىسونلارنى) ئىشلىتىش، سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى بارلارغا ئىشلەتكەندە بولسا، چوقۇم سىستېمىك رىئاكتىۋلارنى قوللىنىش لازىم.