Uyghur主要词典
كوتوكۇئاكىمىزۇ
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1911) ياپونىيىلىك سوتسىيالىست. ئەسلى ئىسمى تىسۇ توجىرو. مىللىي ئىنگلىزچە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. <ئەركىن خەۋەر>، <مەركەز خەۋەرلىرى> نىڭ مۇخبىرى بولغان. 1898 - يىلى سوتسىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1901 - يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1903 - يىلى ساكىخىكو بىەن ئاددىي خەلق جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، <ئاددى خەلق خەۋەرلىرى>نى نەشىر قىلىپ، ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەت ۋە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1905 - يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كىتىپ، ھۆكۈمەتسىزلىككە مايىللىشىشقا باشلىغان. 1906 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارلامېنت كۈرىشى نەزەرىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، <بىۋاستە ھەرىكەت نەزەرىيىسى>نى تەشەببۇس قىلغان. 1901 - يىلى مايدىكى <چوڭ ئاسىيلىق ۋەقەسى> ۋاقتىدا قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، <ⅩⅩ ئەسىردىكى غەلىتە مەخلۇق - جاھانگىرلىك>، <سوتسىيالىزمنىڭ مۇقەددەس جەۋھىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن Ⅱ توملۇق <كوتوكۇ ئاكىمىزۇ ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.