Uyghur←Chinese主要词典
كوسمومېدىچى
دۇنيا تارىخى
柯西莫.美第奇
kē xī mò .měi dì qí
(1389 - 1464) فلورېنسىيىلىك بانكىر، سىياسىئون، مېدىچى جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. 1434 - يىلى ئالبىززى جەمەتىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ فلورېنسىيە ھاكىمىيىتىنى تىزگىنلەپ تىران سىياسىتىنى (جۇمھۇرىيەت شەكىلىنى ساقلاپ قالغان) قۇرغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل مۇئامىلە ۋە سودا - سانائەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بانكا پائالىيىتى 30 مىڭ ئالتۇن فلورېنغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قوللىغان. 1453 - يىلى كونىستانتىنوپول قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئىتالىيىگە قېچىپ كەلگەن بىر تۈركۈم يۇنان ئالىملىرىغا باشپاناھ بولۇپ، فلورېنسىيىنىڭ ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.