Uyghur←Chinese主要词典
كوسېگىن
دۇنيا تارىخى
柯西金
kē xī jīn
(1904 - 1980). سابىق سوېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1964 - 1980). سانت پېتېربۇرگتىكى بىر ئىشچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان. 1919 - يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1927 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىن لېنىنگرادتىكى كىروۋ توقۇمىچىلىق شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن لېنىنىگرادتىكى ئىككى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن. 1938 - يىلى 7 - ئايدا لېنىنگراد ئوبكومىنىڭ سانائەت - قاتناش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى 10 - ئايدا لېنىنگراد شەھەرلىك سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939 - 1940 - يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقى توقۇمىچىلىق سانائىتى خەلق كومېسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1940 - 1946 - يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە روسىيە فېدېراتسىيىسى، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1946 - يلى 3 - ئايدا سوۋېت ئىتتپاقى خەلق كومىسسارىياتى مىنىستىرلار سوۋېتىگە ئۆزگەرگەندە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1953 - يىلى يەنە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1960 - يىلى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1964 - يىلى 10 - ئايدا خروششېۋ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپسىگە تەيىنلىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىقتىسادىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان، 1939 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت كوممۇنىستىكى پارتىيىسى مەركىزىي كومېىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1946 - يىلى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا، 1948 -يىلى سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1952 - يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى پرىزدىئومنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان، 1960 - يىلى پرىزدىئوم ئەزاسى بولغان. 1960 - يىلىدىن باشلاپ سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزاسى بولغان. 1980 - يىلى 10 - ئايدا مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ <ئۇلۇغ نىشاننى كۆزلەپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.