Uyghur←Chinese主要词典
كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى维多利亚女王文告
wéi duō lì yà nǚ wáng wén gào
ئەنگلىيەنىڭ كورۇلىۋاسى ۋىكتورىيە 1858 - يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى جاكارلىغان پەرمان بولۇپ، ھىندىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي قوزغىلاڭنى بېسقتۇرۇش، بەگلىكلەرنىڭ ۋاڭ - گۇڭلىرى ۋە فېئودال پومىشچىكلارنىڭ كۆڭلىنى ياساش، ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. پەرماندا ئەنگلىيە پادىشاھنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىن ھىندىستان زېمىنىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۋالغانلىقى، مۇئاۋىن پادىشاھ تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ كورۇلىۋاغا ۋەكالىتەن بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۆزگەرتكەنلىكى؛ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بەگلىكلەرنىڭ بەگ - خوجىلىرى بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامىلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلغانلىقى، ھىندىستان بەگ - خوجىلىرىنىڭ ھوقۇقى، ئابروي ۋە شان - شەرىپىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى؛ ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى؛ زېمىنىنى يەنە كېڭەيتىشنى كۆزلىمەيدىغانلىقى؛ ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلقنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى (ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۇنىڭ سىرتىدا)؛ خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە چوقۇنۇشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىرق ياكى ئېتىقاد ئايرىماي، تەربىيلىنىش دەرىجىسى، خىزمەت ئىقتىدارى، ئەخلاق - پەزىلىتىگە قاراپ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۈسىتگە ئالالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى جاكارلىغان. مۇراجىئەتنامە ھىندىستاننىڭ فېئودال يۇقىرى تەبىقە ئۇنسۇرلىرىنى ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ سېپىدىن ئايرىلىشقا قىزىقتۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。