Uyghur←Chinese主要词典
كورنۋاللىس
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
康沃利斯
kāng wò lì sī
دۇنيا تارىخى
康华里
kāng huá lǐ
(1738 - 1805)، ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى. 1776 - 1781 - يىللاردا ئەنگلىيە قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باستۇرماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىنىپ، تەسلىم بولغان. 1786 - 1793 - يىللاردا ھىندىستان باش ۋالىيلىقىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا مىيسورېنىڭ ھۆكۈمرانى سۇلتان تىپۇنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنىڭ يېرىمىنى تارتىۋالغان، شۇڭا ماركىزلىققا كۆتۈرۈلگەن. مەمۇرىي، سودا ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. ئېكىسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1793 - يىلى زېمىندار تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە ئېگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. 1798 - 1801 - يىللاردا ئېرلاندىيە باش ۋالىيسى بولۇپ، ئېرلاندىيە ئىنقىلابىنى شەپقەتسىز باستۇرغان. 1805 - يىلى ھىندىستان باش ۋالىيلىقىغا يەنە تەيىنلەنگەن، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن.