Uyghur←Chinese主要词典
كورىنتوس ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
科要斯战争
kē yào sī zhàn zhēng
مىلادىدىن 387 - 385 يىل ئىلگىرى ئافىنا، تېبېس قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىشىپ سپارتاغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش، چۈنكى ئىتتىپاققا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر كورىنتوستا ھەربىي يىغىن ئاچقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. پلوپونوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 431 - 404 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، سپارتا ھۆكۈمرانلىرى گرېتسىيىدە زوراۋانلىق قىلىپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كەڭ نارازىلىق پەيدا قىلغان. تېبېس باشلىغان ئۇرۇشقا گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدىك ئافىنا، كورىنتوس، مېگارا، ئارگوس قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەر ئارقمۇ ئارقا قاتناشقان ھەمدە ئۇلار پېرسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن (ئەينى ۋاقىتتا پېرسىيە بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار ئىدى). مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى پېرسىيە فلوتى ئافىنا گېنېرالى كونونىڭ قوماندانلىقىدا، كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى كېندو دېڭىز بۇرجىكىدە سپارتا دېڭىز ئارمىيىسىنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شۇنىڭدىن كېيىن سپارتا ئېگېي دېڭىزىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقاتقان. مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى ئافىنا گېنېرالى ئىپېكرات ئەسكەرلەرگە ساۋۇت كىيدۈرۈپ يېنىڭ قوراللار بىلەن ئۇرۇشقا سېلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق، سپارتا قوشۇنىنى كورىنتوس ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغان. سپارتا نائىلاج پېرسىيىدىن ياردەم سورىغان. مىلادىدىن 387 يىل (ياكى 638 يىل) ئىلگىرى سپارتا پېرسىيە بىلەن پۈتكۈل گرېتسىيە مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىدىغان <كارول ئەھدىنامىسى> نى ئىمزالاپ، پېرسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كورىنتوس ئۇرۇشى پېرسىيە <شاھى> نىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاياغلاشقان. سپارتانىڭ گرېتسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قۇرۇق نامىلا قالغان.