Uyghur←Chinese主要词典
كوردوۋا خەلىپىلىكى
دۇنيا تارىخى
科尔多瓦哈里发国家
kē ěr duō wǎ hā lǐ fā guó jiā
غەرب ئەللىرىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا غەربىي سالاسون ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەبلەر ئىسپانىيىدە قۇرغان فېئودال دۆلەت. ئەسلى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋالىيلىق رايونى. مىلادى 756 - يىلى ئۇمەييە خانلىقىنىڭ ئەۋلادى ئابدۇل راخمان Ⅰ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولۇپ، كېيىنكى ئۇمەييە خانلىقى قۇرۇلغان. ھۆكۈمران ئەمىر دەپ ئاتالغان. 929 - يىلى ئابدۇل راخمان ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ، كوردوۋانى پايتەخت قىلىپ، كوردوۋا خەلىپىلىكىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىردە، دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، گۈللەنگەن. شىمالدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدە زومىگەرلىك قىلىپ، فاتىمە خانلىقى بىلەن شىمالىي ئافرىقىنى تالاشقان. ياۋرۇپا ئەللىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتكەن. مەملىكەت ئىچىدە يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى راۋاجلىنپ، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن. كوردوۋانىڭ نامى كونستانتىنوپول ۋە باغداد بىلەن ئوخشاش بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ، قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىپ، خەلىپىلەر پات - پات ئالمىشىپ تۇرغان. 1034 - يىلى خەلىپەم ھىسام Ⅲ (1027 - 1031) بىكار قىلىنىپ، دۆلەت نۇرغۇن مۇستەقىل فېئودال بەگلىكلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن.