Uyghur←Chinese主要词典
كوپېرنىك
دۇنيا تارىخى
哥白尼
gē bái ní
(1473 - 1543) پولشالىق ئاسترونوم. تورۇن شەھىرىدىكى بىر باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. (1483 - يىلى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، فرومبورك )فراۋېنبۇرك دەپمۇ ئاتىلىدۇ( دىكى مىسسىئونېر )كېيىن ئېپىسكوپ بولغان( تاغىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. 1491 - 1494 - يىللىرى كراكوۋ داشۆسىدە ئوقۇغان، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىغا ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. تەخمىنەن 1495 - يىلى ئىتالىيىدىكى بولۇنيا داشۆسىدە چېركاۋ قانۇنى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان. گرېكچىگە پىششىق. ئۇ يەنە پادوۋا داشۆسىدە مېدىتسىنانى تەتقىق قىلغان. 1504 - يىلى پولشاغا قايتىپ، ئېپىسكوپ تۇرۇۋاتقان لىدزباك )نېمىسچە ھېيلىسبېرگ( تا تاغىسىنىڭ كاتىپى ۋە خۇسۇسىي دوختۇرى بولغان. 1512 - يىلى تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، فرومبورگقا قايتىپ مىسسىئونېر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېركاۋنىڭ بالىخانىسىدا بىر كىچىك رەسەتخانا قۇرۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنى 30 نەچچە يىل كۆزەتكەن. تەخمىنەن 1536 - يىلى <ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا> )1543 - يىلى نەشىر قىلىنغان( دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ پتولېمىينىڭ <يەر شارى مەركەز تەلىماتى> نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ <قۇياش مەركەز تەلىماتى> )يەنى قۇياشنى مەركەز قىلىش تەلىماتى ياكى يەر ھەرىكىتى تەلىماتى(نى بەرپاقىلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، پەقەتلا قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئاددىي پلانت، ئۇنىڭ ئۆزى يەر ئوقىنى مەركەز قىلىپ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ تەلىماتنىڭ بەرپا قىلىنىشى غەربتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەر مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، تەبىئىي پەننى ئىلاھىيەتتىن ئازاد قىلغان، بۇ ئالەم قارىشىدىكى زور بۆسۈش بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىن برونو ۋە كېپلېر كوپېرنىكنىڭ تەلىماتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان.