Uyghur主要词典
كونتروللىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، ئۆز خاھىشى، مەيلى بويىچە ئىدارە قىلماق، باشقۇرماق، تىزگىنلىمەك.
نېرۋىنى كونتروللىماق.
مەلۇم چەكتىكى ھالەت ۋە نورماللىقنى ساقلاپ قالماق ياكى مەلۇم ھالەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىپ زىيان سېلىشىنى توسماق، چەكلىمەك.
باھانى كونتروللىماق. نوپۇسنى كونتروللىماق.
ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، كۈچ - قۇدرىتى، باشقۇرۇش ياكى تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئالماق.
بازارنى كونتروللىماق. ۋەزىيەتنى كونتروللىماق.