Uyghur←Chinese主要词典
كونتراكتلىق ۋاكۇلا
بىئولوگىيە
伸缩泡
shēnsuōpào
ئۇزىراپ - قىسقىراش ۋاكۇئولىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاددىي ھايۋانلار (پروتوزالار) نىڭ ھۈجەيرە ئاپپاراتى رىتىملىق ئۇزىراپ - قىسقىرالايدىغان بىر خىل ۋاكۇئولا. تاتلىق سۇلاردىكى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر ياكى بىر قانچە دانە كونتراكتىلىق ۋاكۇئولا بولىدۇ، دېڭىزلاردىكى ۋە پارازىت ھايات كەچۈرىدىغانلىرىدا بولمايدۇ. ئېۋگلېنانىڭ بىر كونتراكتلىق ۋاكۇئولىسى بولۇپ، ئالدى تەرەپ ھۈجەيرە ئېغىزى (ستوستوما) يېنىغا جايلاشقان؛ ئاميوبانىڭ ئورنى مۇقىم بولمىغان بىر ياكى بىر قانچەچ كونتراكتلىق ۋاكۇئولىسى بولىدۇ؛ تۇفېلكىنىڭ بولسا، ئالدى ۋە كەينىدە بىردىن، ئورنى مۇقىم بولغان كونتىراكتلىق ۋاكۇئولىسى بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئۇزىراپ - قىسقىرايدۇ. كونتراكتلىق ۋاكۇئولا سۇيۇقلۇققا تولغا چاغدا مىكروسكوپ ئاستىدا ئاسانلا كۆزىتىشكە بولىدۇ. ۋاكۇئولىدىكى سۇيۇقلۇقلار سىتوپلازمىدىن بىۋاسىتە ياكى ئەتراپىدىكى يىغىش نەيچىلىرى ئارقىلىق يىغىلغان، قىسقارغان چاغدا ۋاكۇئولىدىكى سۇيۇقلۇقلار قىيپاش يوللۇق پەردە (پېللىكىل) دىكى كىچىك تۆشۈكلەر ئارقىلىق بەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، چىقىرۋېتىش تۆشۈكى ۋاقىتلىق ياكى مۇقىم كىچىك تۆشۈكلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۇزىراپ - قىسقىراش ھەرىكىتى بەدىنىدىكى ئارتۇقچە سۇلارنى يىغىپ چىقىرىۋېتىدۇ. كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ھەم ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇرىك كىسلاتا قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلارمۇ بىللە چىقىرىۋېتىلىدۇ. كونتراكتلىق ۋاكۇئولىنىڭ فۇنكسىيىسى پروتوپلازمىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىنى تەڭشەش ۋە ساقلاش، شۇنىڭدەك چىقىرىۋېتىش قاتارلىق روللاردىن ئىبارەت.