Uyghur主要词典
كونستانتىننىڭ ھەدىيىسى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كاتولىك چېركاۋى ئويدۇرۇپ چىققان ھۆججەت، ئۇنىڭدا مىلادى 324 - يىلى رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىن Ⅰ ئىمپېرىيىنىڭ ئىتالىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن غەربىي قىسمىنىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى پاپاغا <ھەدىيە قىلغان> دېيىلگەن. پاپا بۇنى ئاساس قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىتالىيە ۋە غەربىي ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 15 - ئەسىردە ئىتالىيىلىك گۇمانىتار ۋاللا بۇ ھۆججەتنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىغان.