Uyghur主要词典
كونىستانىس سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىمۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتپاقىنىڭ 1183 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 -كۈنى كونىستانىس شەھىرىدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئىمپېراتور لومباردىيە ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئەمەلدار تەيىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەرقايسى شەھەرلەر كونسۇللارنى ئۆزى سايلايدۇ، ئەمما ئۇلار ئىمپېراتورنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولۇشى لازىم؛ ئىمپېراتور ئىتالىيىگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ياردەمچى قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما ئىمپېراتور ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزۇۋالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقىدىكى شەھەرلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىۋاشتىن ئېرىشكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。