Uyghur←Chinese主要词典
كونسىدېرانت
دۇنيا تارىخى
孔西得朗
kǒng xī dé lǎng
(1808 - 1893) فرانسىيىلىك خىيالىي سوتىسيالىزمچى، فوئورئېرمنىڭ مۇرىتى. پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەربىي ئىنژىنېر بولغان. 1831 - يىلى قوشۇندىن ئايرىلىپ، خىيالىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىشى ھەرىكتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، فوئورئېرچىلار چىقارغان <پالانستېرى>، <پالانگى> قاتارلىق ژۇرناللاردا تەھرىر بولغان، <تىنچلىق دېموكراتىيە گېزىتى> نى چىقارغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ۋە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. لۇئى بىلاننىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى قوللىغان. دېموكراتىيىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقتىن، 1849 - يىلى سەرگەردان بولۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. شىمالىي ئامېرىكىدا پلانگى كۆچمەنلىرى رايونى قۇرماقچى بولغان. 1869 - يىلى فرانسىيىگە قايتقان، 1871 - يىلى 4 - ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ پارىژ كوممۇنىسىنى قوللىغان. ئۇ ئەسەردە فوئورئېرچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى سىستىمېلىق ھالدا بايان قىلىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى تەنقىدلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىسيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ساپ دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ <جەمئىيەتنىڭ تەقدىرى>، <تەستىقلاشنىڭ سىياسىي ئاساسى>، <ھەمكارلاشقۇچىلار خىتابنامىسى> ۋە <فوئورئېر پلانستېر سىستېمىسىنڭ مۇھىم ئىزاھاتى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.