Uyghur←Chinese主要词典
كونكرېت ئۇقۇم
مائارىپ
具体概念
jù tǐ gài niàn
پسىخولوگىيە
具体概念
jù tǐ gài niàn
بۇ كونكرېت ئوبىيېكتنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇقۇم. مەسلەن: « دەرەخ »، « ئوقۇغۇچى »، « قوي » قاتارلىقلار. دىئالېكتىك لوگىكىدا، بۇ ئوبيېكتنى بىر پۈتۈن ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇقۇمدىن ئىبارەت. كۆزدە تۇتۇلغىنى ئوبيېكىتنىڭ مەلۇم بىر خۇسۇسىيىتى، بىر قىسمى ياكى بىر تەرىپى ئەمەس، بەلكى ئوبيېكتنىڭ خىلمۇ خىل خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بەلگىلىمىسى، بارلىق تەرەپ ۋە بۆلوكلىرىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىن ئىبارەت. تەپەككۈر كونكرېتتىن ئابىستركتقا ئۆتۈش بىلەن ئوبيېكت توغرىسىدىكى بىر مۇنچە بەلگىلىمە ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئاندىن كېيىن يەنە ئابستراكتتىن ئۆرلەپ كونكرېتقا ئۆتىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ۋە مۇناسىۋەتلەر مەجمۇئى ئومۇمىي گەۋدە بولىدۇ.