Chinese→Uyghur主要词典
孔雀王朝
دۇنيا تارىخى
مائوريا خاندانلىقى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادخا خاندانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 324 - 187-يىللار). قۇرغۇچىسى چاندراگۇپتا. تەخمىنەن مىلادىدىن 324 يىل ئىلگىرى (يەنە بىر رىۋايەتتە مىلادىدىن 321 يىل ئىلگىرى دېيىلىدۇ) ئۇ غەربىي شىمال ھىندىستاندا خان بولغان، كېيىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ ناندا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، مائۇريا خاندانلىقىنى قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مائۇريا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى (يەنە بىر ىۋايەتتە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ نامى) ئىكەن. مىلادىدىن 317 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرى ھىندى دەرياسىدىن چېكىنكەندىن كېيىن، شىمالىي قىسىم ھىندىستان تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى، غەربىي ئاسىيادىكى سۈرىيە پادىشاھلىقى تاجاۋۇز قىلىپ كىرەەن بولسىمۇ، مەغلۇپ قىلىنغان. كېيىن سۈلھ تۈزۈلۈپ، سۈرىيە پادىشاھلىقى ماگادخا قىلىنغان. كېيىن سۈلھ تۈزۈلۈپ، سۈرىيە پادىشاھلىقى ماگادخا سۇلالىسىگە ئارىيا، ئاراكسىيا ھەمدە بىلوجسىتاننىڭ بىر قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر پارچە يەرنى كېسىپ بەرگەن. ماگادخا خانلىقى سۈرىيە خانلىقىغا 500 دانە چوڭ پىلى سوۋغا قىلغان. ئاسۇكا دەۋرىدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 268 - 232) دۆلىتى كۈچەيتىپ، كالىنگا، يېرىم ئارلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەنسۇردىن باشقا پۈتۈن ئىكىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بويسۇندۇرغان. يەنە بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمىنىمۇ ئىگىلەپ، قەدىمكى ھىندىستان تارىخىدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن مۇستەبىت چوڭ ئىمپېرىيە (مائۇريا ئىمپېرىيىسى) بولۇپ قالغان، بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلغان. پاتالىپۇترا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. بىراق ئىمپېرىيىنىڭ بىرلىكى ئۇنچىۋالا مۇستەھكەم بولمىغان، ھەر قايسى رايونلار ئىقتىساد ۋە سىياسەتتە يەنىلا خېلى زور مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئاسۇكا ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي پارچىلىنىپ كەتكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 187-يىل ئىلگىرى ئاخىرقى خانى بىرىخادراتا ئۆزىنىڭ گېنېرالى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، مائۇريا خانلىقى ئاخىرلاشقان.
تارىخ
kǒng què wáng cháo
ماۋۇريا خانلىقى، توز خانلىقى