Uyghur主要词典
كونگو پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن 16 - ئەسىردە قۇرۇلغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا زېمىنى شىمالدا كونگو دەرياسى ۋادىسىغىچە، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە، جەنۇبتا لورې دەرياسىغىچە، شەرقتە كۋانگو دەرياسى ۋادىسىغىچە بولغان. پايتەختى مبانزا (كېيىن نامى سان - سالۋادورغا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرقى ئانگولانىڭ شىمالىدا). 1484 - يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، قۇللارنى بۇلاپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1665 - يىلى پادىشاھ پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىپ، پادىشاھ ئۇرۇشتا ئۆلگەن؛ كېيىن پادىشاھلىق پارچىلىنىپ كەتكەن.