Chinese→Uyghur主要词典
恐龙蛋
بىئولوگىيە
دىنوزاۋر تۇخۇمى
مېزوزوي ئېراسىدىكى قەدىمكى يەر باغىرلىغۇچى ھايۋان دىنوزاۋرلرنىڭ تۇغقان تۇخۇمى. دىنوزاۋرلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇپ كۆيىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دەلىلى شۇكى، تېپىغان بىر تاش قالدۇق تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۆسۈپ يېتىلگەن، بىراق تېخى تۇخۇمدىن چىقمىغان كىچىك بىر مۈڭگۈزلۈك دىنوزاۋرنىڭ ئىسكىلىتى ساقلانغان. دۇنيادا مۇكەممەل دىنوزاۋر تۇخۇمىنىڭ تاش قالدۇقى ئەڭ دەسلەپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىن تېپىلغان. مەملىكىتىمىزنىڭ شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، جېجياڭ، ئەنخۇي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، خېنەن قاتارلىق جايلىرىدىنمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ نۇرغۇنلىغان دىنوزاۋر تۇخۇملىرىنىڭ تاش قالدۇقلىرى تېپىلغان. ئۇلار كۆپىنچە ئۇۋا ياساپ تۇغقان بولۇپ، ھەر ئۇۋىدا 20 - 30 تۇخۇ، نەچچە قەۋەت تەكرار قاتلىنىپ ئوخشاش مەركەزلىك يۇمىلاق بولۇپ تىزىلغان. تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ خىلمۇخىل؛ سىلىق، دانىچىلىك، پۈرمىلىك قاتارلىق شەكىللەردە بولغان. تۇخۇم شەكلى يۇمىلاق، ئېللىپس، ئۇزۇن ئىللىپس شەكلىدە. كىچىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق دىئامېتىرى ئاران 50 - 60 مىللىېمتىر بولسا، چوڭلىرىنىڭ 150 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، دېمەك ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان دىنوزاۋرلاردىن تۇغۇلغان تۇخۇملار ئىكەنلىكى ئېنىق. سەندۇڭ لەيياڭدىكى دىنوزاۋر تۇخۇمى ئىككى خىل بولۇپ، بىرخىى يۇمىلاق، بىرى ئىللىپس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇق دىئامېتىرى 100 - 150 مىللىمېتىر، تۇخۇم شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى 2 - 5 مىللىمېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ پالېئونتولوگىيە خادىملىرى ئۇنىڭ تۇخۇمىنى يالپاقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەرخىل تۇخۇم پارچىلىرىنىڭ نازۇك تۈزۈلۈشلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇخۇم تاش قالدۇقىنى قايتا ئۇرۇقداش تۈرلەرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.