Chinese→Uyghur主要词典
空海
دۇنيا تارىخى
كاۋا ئومى
(774 - 835) ياپونىيىدىكى دارانى مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى. سانپو (ھازىرقى كاڭاۋاكىن ناھىيىسى) دا تۇغۇلغان. فامىلىسى ساخاكۇ، ئەركىلەتمە ئىسمى ماگىيۇ. مىلادى 788 - يىلى ناگا ئوماكى (ھازىرقى كيوتو)دا ئىلىم تەھسىل قىلغان، 791 - يلى ئىمتىھان بېرىپ داشۆنىڭ مىڭجىڭ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 797 - يىلى داشۆدىن ئايرىلغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 804 - يىىلى (ياپون كالېندارى بويىچە 23 ـ يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنيۇەن 20 - يىلى) دوڭداسى ئىبادەتخانىسىدا راھىپ بولغان. سايتون قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ياپونىيەنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى فوجىۋا كاسىنوجىئۇمى بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن. چاڭئەندىكى چىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خۇيگۇ، پراجناترى پىتاكا ۋە مونىشلى تىرى پتاكالارغا شاگرىت بولۇپ مىزونىڭ مەزھىپىنى ئۆگەنگەن؛ خەن فاڭمىڭغا شاگرىت بولوپ خەتتاتلىقنى تەتقىق قىلغان. 806 - يىلى نۇرغۇنلىغان بۇددا نومى ۋە ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى توكيوغا كېلىپ دارانى مەزھىپىنىڭ تەلىماتىنى تارقاتقان. 816 - يىلى ناكانوياما تېغىدا كىندابو ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان. 821 - يىلى سانپۇدا ۋەننۇڭ كۆلىنى ياساشقا نازارەتچىلىك قىلغان. 823 - يىلى دوڭسى ئىبادەتخانىسىنى دارانى مەزھىپىنىڭ نەزىر - چىراغ ئورنى قىلغان. 834 - يىلى ئوردا ئىچىدىكى جىن گۇاڭمىڭ ئىبادەتخانىسىدا دارانى مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئۇنىڭ <شېئىرىيەت سىرلىرى توغرىسىدا>، <ھەرخىل خەت شەكىللىرىنىڭ نامى> ۋە <كۇڭزىچىلىق، تەرىقەتچىلىك ۋە بۇددا دىنى قىبلىنامىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ كىتابلىرى تىننو ماچىيونا، رانىيسىجى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنغان.