Uyghur←Chinese主要词典
كونفورماتسىيە
بىئولوگىيە
构象
gòuxiàng
سىتېرېئو ئىزومېرلاردىكى ئالماشقان گۇرۇپپا ياكى ئاتوملارنىڭ تاق باغ ئارقىلىق ئايلانغاندا ھاسىل بولۇشى مۇمكىن بولغان سىتېرېئولۇق تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بوشلۇقتىكى ئورنىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى كوۋالېنتلىق باغنىڭ ئۈزۈلۈشى ياكى ھاسىل بولۇشىغا بېرىپ قالماستىن، پەقەت ھىدروگېنلىق باغ قاتارلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك باغلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى تاق بېغى ئوق يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئايلىنلالىغاندا سانسىزلىغان بوشلۇقتىكى كونفورماتسىيىسى ھاسىل بولغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كونفورماتسىيىسى ئۆزگەرسە، مولېكۇلىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭا كونفورماتسىيىسى چوڭ ماكرو مولېكۇلىلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. نۆۋەتتە مولېكۇلىنىڭ كونفورماتسىيىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە بەلگىلەشتە X - نۇرى دىفراكسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ ھەمد نۇكېئار ماگنېتىك رېزونانس سپكترىسكوپىيە، يۇمىلاق ئىككى رەڭلىك خۇسۇسىيەت، فلۇ ئۇرېسسېنسىيە نۇرىنى پوليارىزاتسىيىلەش، لازېر نۇرى رامان سپېكترى، نېيترون دىفراكسىيىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مولېكۇلىنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى ئاتوم ۋە خىمىيىىلىك گۇرۇپپىلارنىڭ بوشلۇقتىكى تىزىلغان ئورنىنى ئېنىقلاش بىلەن ئۇنىڭ كونفورماتسىيىسى بېكىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كونفورماتسىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى فۇنكىسىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتى شەرھلىنىدۇ.
پارقازان، بېسىملىق باك
构造象(形态)
gòu zào xiàng (xíng tài )Dتېببىي
构象
gòu xiàngDخىمىيە
构象
gòu xiàng