Uyghur←Chinese主要词典
كوندورسېت
دۇنيا تارىخى
孔多基
kǒng duō jī
(1743 - 1794). فرانسىيىلىك مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى گروندىچىلار رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا رېيمىس ئەيسا جەمئىيىتى مەكتىپىدە ۋە پارىژ ناۋاررا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ماتېماتىكىغا ئۇستا. 1769 - يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە، 1782 - يىلى فرانسۇز ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. ئىنقىلابتىن بۇرۇن ئىلغار مۇتەپپەككۇرلار بىلەن ئىناق بولۇپ، ئېنىسكلوپېدىيىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشقان؛ ئۇنىڭ ئىنتېگرال، ئېھتىماللىق توغرىسىدىكى ماتېماتىكا دىسسىرتاتسىيىلىرىدىن باشقا، يەنە ۋولتېرنىڭ تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلىرى بار. ئىنقىلاب باشلانغاندىن كېينن سىياسىي ھەرىكەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىلگىرى - ئاخىر قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا ۋە خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلانغان ھەمدە كۆپلىگەن مۇھىم ھۆججەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئۇ خەلق مائارىپ تۈزۈمى لايىھىسى ئوتتۇرغا قويغان ۋە گروندېچىلار ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزگەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنمىغان. گروندىچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرغانلىقتىن ياكوبىنچىلار ئۇنى گراژدانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يوشۇرۇنۇپ، باش چۆكۈرۈپ كىتاب يازغان. 1794 - يىلى 3 - ئاينىڭ 72 - كۈنى قولغا ئېلىنىپ، 29 - كۈنى سەھەردەزىنداندا ئۆلگەن. ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى ۋە دىنغا تاقەت قىلىشنى يولغا قويۇش، باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي سايلام ۋە نىسبەت بويىچە ۋەكىل سايلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشىدا كارىتاتتا زور تەسىر پەيدا قىلغان، <ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئىلگىرلەش تارىخىي ھەققىدە> ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.