Uyghur←Chinese主要词典
كوندىياك
دۇنيا تارىخى
孔狄亚克
kǒng dí yà kè
(1715 - 1780) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، پوپ. 1752 - يىلى بېرلىن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە سايلانغان. 1758 - 1767 - يىللىرى پارما ئوردىسىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1768 - يىلى فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بولغان. لوگىكا، ئىقتىساد، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان. پەلسەپىدىكى لوككې تەجرىبە سەزگۈ نەزەرىيىسىنى تارقاتقۇچى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچى. سەزگۈنىڭ ئىنسانلار بىلىمىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ بارلىق ئاڭلىق تەجرىبە پاسسپ سەزگۈنىڭ ئاددىي يەكۈنى، شۇنداقلا پىسخولوگىيىدە تەسەۋۋرۇنىڭ مەھسۇلى؛ ھېسسىيات سەزگۈ تەجرىبىسىگە تايىنىپ بىزار بولۇش، ئازابلىنىش ۋە خۇشاللىنىش ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ھېسابلاپ، شۇ ئارقىلىق لوككېنىڭ <ئويلىنىش> كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچكەن. بىراق، يەنىلا سەزگۈنى شەيئىنىڭ بەلگىسى، ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلىغان ھەمدە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ روھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ بىلىش نەزەرىيىسى ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېىلىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ <ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا>، <سەزگۈ توغرىسىدا>، <لوگىكا> ۋە <ھېسابلاش تىلى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.