Uyghur主要词典
كونا شورپىدا پىشۇرۇلغان ئۆردەك
领域: ئۇيغۇر تائاملىرىياش ئۆردەك بىر دانە، زەنجىۋىل (جاڭپىزا) بىر تال، كونا شورپا ئىككى كىلوگرام، ئېچىتقۇ ئازراق، سۇڭپىياز ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق.
1. ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ تازىلانغان ئۆردەكنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ (قېرى ئۆردەك 10 مىنۇت، ياش ئۆردەك ئۈچ مىنۇت) قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ، كونا شورپا بار قازاندا پىشۇرۇش كېرەك.
2. ئۆردەكنى كونا شورپىدىن سۈزۈپ ئېلىپ بىر كىلوگرامدەك كونا شورپىغا، ئازراق تېتىتقۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى سېلىپ، باشقا قازاندا ئۆردەك بىلەن بىللە قاينىتىلىدۇ.
3. ئۆردەكنىڭ رەڭگى قىزىرىپ، شورپىسى قويۇقلاشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ، توغراپ تەخسىگە
قويۇپ ئۈستىدىن كونا شورپىنى ئازراق سېپىپ زىياپەتكە قويسا بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。