Uyghur←Chinese主要词典
كومېئۇچى مېتسۇماسا
دۇنيا تارىخى
米内光政
mǐ nèi guāng zhèng
(1880 - 1948)، ياپونىيە باش ۋەزىرى (1940). دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. ئىۋاتې ناھىيىسىدىن. دېڭىز ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1932 - يىلىدىن باشلاپ 3 - فلوتنىڭ قوماندانى، ساسېبو مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ قوماندانى، 2 - فلوتىنىڭ قوماندانى، يوكوسۇكا مۇداپىئە مەھكىمىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1936 - يىلى بىرلەشمە فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1937 - يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. خاياشىئوچى ئىچكى كابېنتى، نوئى ئىچكى كابېنتى، خىرانوما ئىچكى كابېنتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1940 - يىلى 1 - ئايدا ئىچكى كابېنت تەشكىللىگەندە ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى خاتاشونروگو ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئۈچۈن 7 - ئايدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا كوئىسوكۇنئاكى ئىچكى كابېنت تەشكىللىگەندە، ئەمەلىيەتتە بىرلەشمە كابېنت تەشكىللىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن كابېنتقا قاتنىشىپ، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. كېيىن يەنە داۋاملىق سۈزۈكى كابېنتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. <پوتسىدام خىتابنامىسى>نى قوبۇل قىلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يەنە خىگاشكۇنى ئىچكى كابېنتى شىدېخارا ئىچكى كابېنتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋازارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغا قەدەر دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان.