Uyghur←Chinese主要词典
كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەر科米自台共和国
kē mǐ zì tái gòng hé guó
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون. يەر مەيدانى 415 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىنى كومى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان، مەركىزى سېك تېفكار شەھىرى. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقى ئورال تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىمان تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى پېچورا دەريا ۋادىلىرى بىلەن تۇشىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار مول. يېرىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئورمانلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شىمالىي كەڭلىك 60° نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سوغۇق بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىقلىمى تۇندىرا ھەم ئورمان تۇندىرا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كومى رايونى 1921 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. سانائىتى كۆمۈر ئېلىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، ئورمان كېسىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، مۇھىم شەھەرلىرىدىن ۋوركۇتا، ئىنتا قاتارلىق شەھەرلىرى بار
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。