Uyghur←Chinese主要词典
كومپىئېگنې ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى
领域: دۇنيا تارىخى康边停协战定
kāng biān tíng xié zhàn dìng
(1) 1918 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيە كومپىئېگنې (پارىژنىڭ شىمالىدا) ئورمانلىقىدا ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان تەسلىم بولۇش كېلىشىمى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. كېلىشىم ماددىلرىنىڭ تولىسىنى فرانسىيە مارشالى فوچ ئېغىزچە ئېيتىپ بەرگەن. كېلىشىمدە گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش؛ گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ غەربىي سەپتە ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى ھەمدە قىسمەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيە قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى؛ گېرمانىيەنىڭ رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ھەمدە ئوڭ قىرغىقىدا ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايون قۇرۇشى بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم كېيىن، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە ۋىشى ھۆكۈمتىنىڭ 1940 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فاشىستلار گېرمانىيىسى بىلەن كومپېئېگنېدا ئىمزالىغان تەسلىم بولۇش كېلىشىمى. كېلىشىمدە فرانسىيەنىڭ بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنى تارقىتىۋېتىشى (<تەرتىپ ساقلاش ئېھتىياجلىق بولغان> قىسىملاردىن باشقا)؛ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيەنىڭ پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم رايونىنى ئىشغال قىلغانلىقىغا قوشۇلۇشى ھەمدە ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى ساقلاش خىراجىتىنى ئۈسىتگە ئېلىشى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم فرانسىيىنى فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ قورچاق دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، 1944 - يلى فرانسىيە قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن كۈچتىن قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。