Uyghur主要词典
كومپوزىتسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە kompositio - تۈزۈپ چىقىش، تەرتىپكە سېلىش سۆزىدىن
ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشى، بۆلەكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ۋەقەلەر باياننىڭ تەرتىپى كومپوزىتسىيە دېيىلىدۇ. كومپوزىتسىيە ئاساسلىق بەدىئىي ۋاستىلەردىن بىرى. ئۇ كىشىلەر ۋە تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى يازغۇچنىڭ غايىۋى مەقسىتىگە ئاساسەن تەرىپىلەش ۋە سۈپەتلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، كومپوزىتسىيە - بەدىئىي ئەسەر تەركىبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
<ئەد> ئەدەبىي ئەسەر، سەنئەت ئەسىرى قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، جايلىشىشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى.
روماننىڭ كومپوزىتسىيىسى. ھېكايىنىڭ كومپوزىتسىيىسى.
تەركىبىي قىسىملىرى مەنە جەھەتتىن ئۆزئارا باغلىنىپ بىرلىكنى ھاسىل قىلغان بەدىئىي ئەسەر، مۇزىكا ياكى رەسىم.
<مۇز>
مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش نەزەرىيىسى.