Uyghur←Chinese主要词典
كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسى
领域: بىئولوگىيە补体结合试验
bǔtǐjiéhéshìyàn
بىر خىل سېرولوگىيىلىك تەجرىبە. پروبىركا ئىچىدە ئانتىگېن بىلەن ماس ھالدىكى ئانتىتېلا بىرىككەندىن كېيىن يەنە كومپېلېمت كىرگۈزۈلسە ئانتىگېن - ئانتىتېلا مۇرەككەپ ماددىسى بىلەن كومپلېمېنت بىرىكىدۇ. ئەگەر ئانتىتېلا ماس كەلمىسە كومپلېمېنت بىرىكمەي ئېرىتمىدە ئەركىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق كومپلېمېنتنىڭ بىرىككەن ياكى بىرىكمىگەنلىكىنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ھادىسە كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا قان ئېرىش سىسىتېمىسىنى قوشۇش، يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە ماس كېلىدىغان ئانتىتېلا گېمولىزىننى كۆرسەتكۈچ قىلىش كېرەك. ئەگەر سۇيۇقلۇقتا ئەركىن ھالەتتىكى كومپلېمېنت بولمىسا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى گېمولىزىن بولسىمۇ ئېرىپ كەتمەيدۇ (قاننىڭ ئېرىگەن - ئېرىمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلانىڭ ماس كەلگەنلىكىنى، كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر - سۇيۇقلۇقتا ئەركىن كومپلېمېنت بولسا، ئۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن كېيىن قوشۇلغان قان ئېرىش سىستېمىسى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ قان ئېرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ@@@@@ بۇ ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلانىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسىنىڭ مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا كومپلېمېنت باغلاش تەجرىبىسى ئارقىلىق ئالاھىدە خاسلىق بولغان ئانتىگېن ياكى ئانتىتېلانىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تەجرىبە ئارقىلىق كىشىنىڭ قان زەردابىدىكى كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ قان زەردابىنى )فارېنىگېيت رېئاكسىيسى دەپ ئاتىلىدۇ( ۋە ۋىرۇس كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەمنىڭ قان زەردابىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىفىلىس ۋە ۋىرۇس كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىكرو ئورگانىزملارنى باھالاپ بېكىتىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
领域: ئۇنىۋېرسال补体结合试验
bǔ tǐ jié hé shì yàn
GetWord 语料库
9补体结合试验
bǔ tǐ jié hé shì yàn
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。