Uyghur←Chinese主要词典
كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
共产主义者同盟
gòng chǎn zhǔ yì zhě tóng méng
خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزم ئاساسىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1847 - يىلى 6 - ئايدا لوندوندا ھەققانىيىچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئاساسلىق رەھبىرى ماركس، ئىنگلېس. ئۇلار ئىتتپاق ئۈچۈن پروگرامما يەنى 1848 - يىلى 2 - ئايدا ئېلان قىلىنغان كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى< نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ مەقسىتى بۇرژۇئازىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىياتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ئۈسىتگە قۇرۇلغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىنى يوقىتىپ، سىنىپ ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمىغان يېڭى جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت، ئۇ >پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار< دېگەننى ئورتاق جەڭگىۋار شوئار قىلىپ بېكىتكەن. ئىتتىپاق ئەزالىرى 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ياۋرۇپا ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 1849 - 1850 - يىللىرى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پائالىيەنتى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1850 - يىلى يازدا، ئىتتپاقنىڭ مەركىزىي كومىتېتىدا ۋىللىخ - شاپپېر مەزھەپچىلىك گۇرۇھى شەكىللىنىپ، ئىتتىپاقنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1851 - يىلى 5 - ئايدا پروسسىيە ھۆكۈمتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، پائالىيىتىنى توختاتقان. 1852 - يىلى 11 - ئايدا، كيۇلىندىكى سوتلاش ئەنزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىتتىپاق ئىلمىي سوتسىيالىزمنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ئىشچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيلەپ، پرولېتارىياتنىڭ كېيىنكى ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۈچۈن تايانچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئۇ - پرولېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تىپى ھېسابلىنىدۇ.