Uyghur←Chinese主要词典
كولون ساھىلى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
吉隆滩事件
jí lóng tān shì jiàn
توڭگۇز قولتۇقى ۋقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنىڭ كۇباغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، يوقىتىلىش ۋەقەسى، 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە، 1600 كىشىلىك ئامېرىكا ياللانما ئارمىيسىى گۋاتېمالادىن يولغا چىقىپ، كۇبانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لاسۋېلىياسنىڭ جەنۇبىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۇزۇن ساھىل ۋە كولۇن ساھىلىنى ئىگىلەپ، داۋاملىق ھالدا شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىگەن. كۇبانىڭ ئارمىيە ۋە خەلقى دۈشمەننى كولون ساھىلىغا قوغلىۋەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققۇچى كېمىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋەتكەن. 19 - كۈنى ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئامېركىنىڭ كۇباغا قوراللىق ئارىلىشىش غەرىزىنى تارمار قىلغان.