Uyghur←Chinese主要词典
كولونىيىنىڭ ئۆسۈش تىپى (فورمىسى)
بىئولوگىيە
种群生长型
zhǒngqúnshēngzhǎngxíng
بىر تۈر كولونىيىسى ئۆسۈش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ھەرقايسى ئىندىۋىدلار ئارىسىدىكى، شۇنىڭدەك تۈر كولونىيىسى بىلەن ئۇنىڭ مۇھىت شارائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرى تۈپەيلىدىن سان ۋە مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە بەلگىلىك قانۇنىيەتچانلىقنى ئىپادىلەپ مەزكۇر تۈر كولونىيىسىنىڭ ئۆسۈش تېپىنى (فورمىسىنى) ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئادەتتە تۈر كولونىيىسىنىڭ ئۆسۈش فورمىسىدا (تىپىدا) ئوڭ ئۆسۈش دەۋرى (سانى ئۆرلەيدۇ)، مۇۋازىنەتلىك دەۋرى (سانى مۇقىم)، دەۋالغۇش دەۋرى (سانىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ)، تەتۈر ئۆسۈش دەۋرى (سانى تۆۋەنلەيدۇ) ۋە يوقىلىش دەۋرى (تۈر كولونىيىسى يوقىلىدۇ) قاتارلىق بىرقانچە باسقۇچلار بولىدۇ. ھايۋانلار مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ۋە مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلغۇچى فاكتورلارنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا ھايۋانلارنىڭ سان مىقدارىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ھەمدە سان مىقدارى ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەپ مەلۇمات قىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.