Uyghur←Chinese主要词典
كوللاگېن
بىئولوگىيە
胶原
jiāoyuán
ئورگانىزمدا مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل تالاسىمان ئاقسىل بولۇپ، ئۇ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، ئېندۇتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، نىگىزىنىڭ مۇھىم تەركىبىدۇر. ھەر بىر كوللاگېن مولېكۇلىسى ئۈچ تال a پېپتىد زەنجىرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۈچ تال a - پېپتىد زەنجىرى ئۆز ئارا ئېشىلىپ، ئۈچ بىرلەشمە ھالەتتىكى بۇرمىسىمان كونفورماتسىيىلىك تالاسىمان ئاقسىلنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر بىت تال a پېپتىد زەنجىرىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 0001 دانە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقى بولىدۇ. كوللاگېننىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقى 300 مىڭ دالتون كېلىدۇ. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پرولىن ۋە گىدروكسى پرولىنلار بولىدۇ. ئاسانلا يېلىمگە ئايلىنالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. كوللاگېن يېلىم تەييارلاش تېرە ئەيلەش ۋە ئاق ژېلاتىن تەييارلاشنىڭ خام ئەشياسىدۇر. ئۇ جاراھەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانلىرىدىكى مۇھىم ماددا بولۇپ، تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى كوللاگېن تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قىزىل داغلىق بۆرەچاقىسى، تۈگۈنلۈك كۆپ تومۇر ياللۇغى، تېرە - مۇسكۇل ياللۇغى، تاش ئۆپكە، رېماتويدلىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلار كوللاگېن مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تېببىي
胶原[蛋白]
jiāo yuán [dàn bái ]Dئۇنىۋېرسال
骨胶原
gǔ jiāo yuánDخىمىيە
骨胶原
gǔ jiāo yuán