Uyghur←Chinese主要词典
كولاروۋ
دۇنيا تارىخى
科拉罗夫
kē lā luó fū
(1877 - 1950) بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1897 - يىلى ئىشچىلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905 - يىلى <ئىتتىپاقلىق گۇرۇھى> دىكى سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. <ئىتتىپاقلىق گورۇھى> سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسى كومپارتىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەندىن كېيىن (1919 - 1923 - يىللىرى) مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1923 - يىلى سېنتەبر قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1923 - 1945 - يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارىي (1922 - 1923) ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان (1922 - 1943). ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە، پائال تۈردە بۇلغارىيە فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى تەشكىللىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى (1946 - 1947) مىنستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1947 - 1949)، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1949 - 1950) بولغان.