Uyghur主要词典
كوكۇس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پالما ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئاساسىي غولى تىك ئۆسۈپ، شاخلانمايدۇ. ئېتىنىڭ رەڭگى ئاق، كۆپ سۇلۇق ۋە تەركىبىدە ماي بولىدۇ. ياش ۋاقىتىدا سۈيىنى ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىشكە، پىشقاندا ئېتىنى خام يېيىشكە ياكى ئۇنىڭدىن ماي تارتىشقا بولىدۇ. سۈيىدىن ئادەتتە سوغۇق ئىچىملىك تەييارلىنىدۇ. ئوتتۇرا ھەم سىرتقى مېۋە شۆپۈكىنىڭ تالاسىدىن ئارقان ئېشىلىدۇ ياكى چوتكا ياسىىدۇ. يوپۇرمىقىدىن بورا توقۇلىدۇ ياكى ئۇنى لاپاس ئۈستىگە يېپىشقا بولىدۇ. ئادەتتە <كوكۇس پالمىسى>، <كوكۇس ياڭىقى> دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.