Uyghur主要词典
كۆز توچكىسى
بىئولوگىيە
تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلاردا بولىدىغان، نىسبەتەن ئىپتىدائىي بولغان فوتو رېتسىپتور. پېگمېنتلىرى بولغان ھەم نۇر سېزىش رولىغا ئىگە تۈزۈلۈش. بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار مەسىلەن، ئېۋگلېنا (يەنى <يالىڭاچ يۈسۈن>) نىڭ كۆز توچكىسى ھۈجەيرە ئىچىدىكى بىر ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولۇپ، قىلئايىغىنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان بىر قىزىل كىچىك توچكىدىن ئىبارەت، ھازىر ئۇ رەڭسىز ستىروما (ئاساسىي ماددا) غا چۆكۈپ تۇرغان كاروتىنوئىد دانىچىسىدىن تۈزۈلگەن دەپ تۇنۇلماقتا. كۆز توچكىسىغا زىچ چاپلىشىپ تۇرغان بىر يوغان (كۆپكەن) قىسمى نۇر قوبۇل قىلالايدىغان فوتو رېتسېپتور ھېسابلىنىدۇ. كۆز توچكىسى تېيىز رومكىسىمان بولۇپ، يورۇقۇق فوتو رېتسېپتورغا پەقەت رومكا ئاغزىدىنلا چۈشەلەيدۇ، شۇڭا ئېۋگلېنانىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىپ ھەرىكەتلىنىشىنى تەڭشەپ، ئېۋگلېنانىڭ مۇۋاپىق يورۇقلۇققا ئوڭ ئىنتىلىشچانلىق كۈچلۈك يورۇقلۇق ياكى تىك چۈشكەن يورۇقلۇققا ئەكسى ئىنتىلىشچانلىق ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. مېتازوئالاردىن مېدۇزا، پىلانارىيىلەرنىڭمۇ كۆز توچكىسى بولىدۇ، لېكىن ئېۋگلېنانىڭ كۆز توچكىسىغا ئوخشىمايدىغان، كۆپ ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن سېزىش ئورگىنى بولۇپ، تۈزۈلۈشى خېلى مۇرەككەپ. مەسىلەن، پىلانارىيىنىڭ كۆز توچكىسى پېگمېنت دانىچىلىرى مول بولغان رومكىسىمان ھۈجەيرىلەردىن شەكىللەنگە، كۆرۈش رومكىسى ۋە كۆرۈش رومكىسىغا ئۇزىراپ كىرگەن كۆرۈش ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقان. پلانارىيىنىڭ كۆزىدە خروستال تەنىسى بولمايدۇ، فۇنكسىيىسى ئېۋگلېنانىڭكىگە ئوخشاش پەقەت قاراڭغۇ - يورۇقنىلا پەرق ئېتەلەيدۇ، جىسىم تەسۋىرىنى كۆرەلمەيدۇ.