Uyghur主要词典
كۆتۈرمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆتۈرمەك؛ يۈكلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يەردىن، تۇرغان جايىدىن ئاجرىتىپ ئالماق.
تاغار كۆتۈرمەك.
يەردىن، تۇرغان جايىدىن ئاجراتقان ھالدا تۇتماق، تۇتۇپ تۇرماق.
سومكا كۆتۈرۈپ تۇرماق. بالا كۆتۈرۈپ تۇرماق.
يۇقىرى چىقارماق، يۇقىرىلاتماق.
ھېلىقى كىشى مالخىيىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، جاۋاب ئورنىغا: - قايسىڭلار باشلىق؟ - دەپ سوئال سورىدى.
مەلۇم دەرىجىگە يەتكۈزمەك؛ ئۆرلەتمەك.
پىرىنسىپقا كۆتۈرمەك.
شەۋكەت بىر پەس جىم بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈردى.
تىك، ئۆرە، ئۈستۈن قىلماق.
ئەكبەر بېشىنى كۆتۈرۈپ مەنسۇرغا قارىدى.
كۆچمە. پەيدا قىلماق، بەرپا قىلماق، مەيدانغا كەلتۈرمەك.
توپىلاڭ كۆتۈرمەك. قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك. غوۋغا كۆتۈرمەك.
كۆچمە. ئاشۇرماق، ئۆستۈرمەك.
مال باھاسىنى كۆتۈرمەك. ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەك.
كۆچمە. ھەزىم قىلماق، سىڭدۈرمەك.
ئۇ تاماقنى ھەر قانچە كۆپ يېسىمۇ كۆتۈرەلەيدۇ.
كۆچمە. ئىچمەك (ھاراق ھەققىدە).
قويە، قېنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر كۆتۈرەيلى.
كۆچمە. ئۆز ئۈستىگە ئالماق، ئۆز ھېسابىدىن تۆلىمەك.
مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى توختىتىپ بۇ پۇلنى مەكتەپ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆچمە. يوق قىلماق، بىكار قىلماق؛ چىقىرىۋەتمەك.
قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتمەك.
كۆچمە. چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك.
گەپ كۆتۈرمەك. ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرمەك.* يىگىت قەرز كۆتۈرەر، ئۆلۈك توپا (ماقال).
كۆچمە. خۇشال قىلماق، شادلاندۇرماق.
كۆڭۈلنى كۆتۈرمەك.
كۆچمە. چىقىنماق، چىقىش قىلماق.
گۇڭ كۆتۈرمەك.