Uyghur←Chinese主要词典
كۆرۈش تور پەردىسى
بىئولوگىيە
视网膜
shìwǎngmó
<رېتىنا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز ئالمىسى دىۋارىنىڭ ئىچكى پەردىسى. پەقەت كۆرۈش تور پەردىسى كۆرۈش قىسمىنىڭلا (يەنى كۆرۈش تور پەردىسى بىلەن كۆز ئالمىسى دىۋارىنىڭ ئوتتۇرا پەردە تومۇرلۇق پەردىسىنىڭ يېپىشىپ تۇرغان قىسمى) يورۇقلۇق سېزىش رولى بولىدۇ. ئۇ سىرتتىن ئىچىگە قاراپ تۆت گۇرۇپپا ھۈجەيرىدىن، يەنى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى، كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى. قوش قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلەر ۋە تۈگۈن ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن. كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇنى كونۇس ھۈجەيرىلەر ۋە تاياقچە ھۈجەيرىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى (تەسىرىنى) سېزىپ نېرۋا قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، قوزغىلىش نېرۋىنى بويلاپ مېڭە پوستلاق ماددىسىدىكى كۆرۈش سېزىمى مەركىزىگە يەتكۈزۈلۈپ كۆرۈش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كۆز قارىچۇقىغا ئۇدۇل جايىدا سېرىق رەڭلىك كىچىك رايون بولۇپ، ئۇ سېرىق داغ دېيىلىدۇ، بۇ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئەڭ نېپىز ئورنى بولۇپ، كونۇس ھۈجەيرىلەر كۆپرەك توپلانغان جاي ھېسابلىنىدۇ. سېرىق داغنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمانلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئويمان دېيىلىدۇ. بۇ يورۇقلۇقنىڭ سېزىمى سەزگۈر ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش نېرۋىلىرى مەركەزلىشىپ ئاقسىللىق پەردىنى تېشىپ ئۆتكەن ئورۇن كۆرۈش نېرۋىسى شورىغۇچلىرى دېيىلىدۇ. <كۆرۈش نېرۋا تەخسىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى بولمىغاچقا يورۇقلۇق سېزىش رولىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا <فىزىئولوگىيىلىك قارىغۇلۇق توچكىسى (نۇقتىسى)> دېيىلىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى كۆرۈش سېزىمى ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ئورۇن بولغاچقا، بۇ ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى (مەسىلەن، سۈپىتى ئۆزگىرىش، قاناش، ياللۇغلىنىش ھەم ئاجراش قاتارلىق) لار كۆپ ھاللاردا كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ نورمالسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاخىرىدا قارىغۇ بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
视网膜
shì wǎng mó