Uyghur←Chinese主要词典
كۆرۈش سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
视觉
shì jué
بۇ تاشقى جىسىمنىڭ روشەن - خىرەلىكى ۋە رەڭ ئالاھىدىلىكىنى پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. نۇرنىڭ بىۋاستە، يا بولمىسا باشقا جىسىملاردىن ئەكس ئېتىپ كۆزىمىزدىكى تور پەردىگە چۈشۈشى بىلەن سەزگۈ ھۈجەيرىسىدە پەيدا بولغان قوزغىلىش نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى كۆرۈش رايونى ( گەژگە بۆلىكىدە ) غا بارغاندا، كۆرۈش ئانالىزاتورى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەر ئاجىز نۇرغا بەك سەزگۈ بولغان كەچتە كۆرۈشنىڭ رېتسىپتورىدۇر؛ كولبىسمان ھۈجەيرىلەر كۈچلۈك نۇرنى سىزىشكە ماسلاشقان بولۇپ، كۈندۈزى كۆرۈش ۋە رەڭ سەزگۈسىنىڭ رېتسىپتورىدۇر. بۇلار نۇر ئىپىكتورىدىكى 390 - 770 مىكرومېترغىچە بولغان ھەر خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنى ئانالىز قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق رەڭ سەزگۈسى ھاسىل بولىدۇ. كۆرۈش سەزگۈسى جىسىملارنىڭ بوشلۇقىتىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى مەسلەن:چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقىنى پەرق ئېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال,كومپيۇتېر,تەنتەربىيە,ئېلېكترون، ئۇچۇر
视觉
shì jué
ئۇنىۋېرسال
shì jué
视觉